مورگان ئورتاگۇس: «دىپلوماتلىرىمىزنىڭ شىنجاڭدا كىم بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىسا، شۇنىڭغا يول قويۇلۇشى كېرەك»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم 20-ئىيۇل خىتايغا تۋىتتېردا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتايدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا ئەركىن زىيارەت قىلىشى ۋە كىم بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىسا شۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىغا يول قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئورتاگۇس خانىم بۇ سۆزلەرنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇئا چۈنيىڭنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيونىڭ «شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى» ھەققىدىكى باياناتىغا قارىتا ئېيتقان.

مورگان ئورتاگۇس ئىنكاسىدا ئامېرىكادىكى بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنى قوشۇپ تىۋىتتېر قىلدى. خۇا چۈنيىڭ ئۆتكەن ھەپتىكى باياناتىدا مايك پومپېيوغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇ مايك پومپېيونى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە «يالغان» سۆزلەش بىلەن ئەيىبلەپ، «ئەگەر پومپېيو ئەپەندى سەمىمىي بولسا ئۇنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ، كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىپ بېقىشىنى ۋە شىنجاڭدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە قانداق ئويلايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز» دېگەن. لېكىن ئورتاگۇس خانىم 20-ئىيۇل ئۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەتكە بۇنداق كۆپ چەكلىمە قويۇشىدا نېمىنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا سوئال قويدى.

ئۇ ئىنكاسىدا: «بىزنىڭ خىتايدا دىپلوماتلىرىمىز بار، خۇددى سىلەرنىڭ دىپلوماتلىرىڭلار ئامېرىكادا ئەركىن يۈرگەندەك ئۇلارنىڭمۇ شىنجاڭ ۋە تىبەتنى ساياھەت قىلىپ، كىم بىلەن كۆرىشىشنى خالىسا شۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلسۇن. نېمە ئۈچۈن بۇنداق كۆپ چەكلىمە قويۇلىدۇ؟، سىلەر نېمىنى يوشۇرماقچى؟» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا شەرت قويۇپ، ئۇلارنىڭ خالىغان جاينى زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلىپ كەلگەنىدى.