ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى سودىسى تەشكىلاتى ئامېرىكا كارخانىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تۈپەيلى ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىرغان. مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى بازىرىنىڭ 90 مەھسۇلاتىنى خىتاي تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا كېتىدىغان كرىمنېي قېتىشمىسىنىڭ 65% ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىكەن. يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر خىتاي قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، دۇنيا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى بازىرىدا داۋالغۇش پەيدا قىلغان. بۇ خەلقئارا قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركەتلىرىنى جىددىلەشتۈرىۋەتكەنىدى.
ئامېرىكا «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكادىكى «قۇياش ئېنېرگىيە سانائىتى جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جون سمىرنوف 22-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، «سانائەت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلىگۇچىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىشتىراك قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ «بىز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ يىرگىنچلىك ئىكەنلىكىگە ئېنىق چۈشەنچىدە بولۇشنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.
جون سمىرنوفنىڭ باياناتى «كاپىتال روت» ناملىق بازار ئانالىز شىركىتى قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائىتىنىڭ «شىنجاڭ بىلەن بولغان باغلىنىشى سەۋەبلىك كاشىلىغا ئۇچراش خەۋپى ئارتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىندى. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ تەكىتلىشىچە، جون سمىرنوف، قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىلىرىنى شىنجاڭدا ئىشلەپچىقارماسلىق، ئىشلەپچىقىرىلسا مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالى بولۇش ھەققىدىكى بىر كېلىشىم تەييارلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.