21-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە ئىشتاتى فايىرفاكس شەھىرىدىكى «مېھرىبان ئانىلار» ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە، «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار بولۇپ، تەخمىنەن 200 دىن كۆپ ئادەم قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ناھايىتى مول مەزمۇنلۇق نومۇرلار ۋە قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى: بالىلار سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسەتتى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى، تارىخىي شەخسلەر ھەققىدە بىلگەن مەلۇماتلىرىنى سۆزلىدى، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى.
ئىگىلىشىمىزچە، «مېھرىبان ئانىلار» ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى «ئېلىي ۋېيسېل (Elie Wiesel) ئىنسانىي ياردەم فوندى» نىڭ 2024-يىللىق ياردىمىگە ئېرىشكەن ئورگانلارنىڭ بىرى بولغان. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاش ھەم قوغداشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن مەزكۇر فوند مەخسۇس ياردەم مەبلىغى ئاجراتقان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بارلىق تىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، 2000-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىل 21-فېۋرال كۈنىنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بېكىتكەنىدى. 2018-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، ب د ت پەن-مائارىپ ۋە مەدەنىيەت كومىتېتى (UNESCO) بايانات ئېلان قىلىپ كۆپ خىل تىللارنىڭ ئورتاق مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىگەنىدى.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىل 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى بارلىق مەكتەپلەردە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگىلا ئەمەس، چوڭلارغىمۇ تېڭىشقا باشلىغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىدە قوللىنىلىدىغان ئۆلچەملىك دەرسلىك تۈزۈلۈپ نەشر قىلىنغان؛ 2024-يىل 5-ئايدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئانا تىل مەكتەپلىرىگە، جۈملىدىن ۋىرجىنىيەدىكى ئانا تىل مەكتىپىگە ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلگەنىدى.
