ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش ئىلتىماسى خىتاي تىلىدا يېزىلمىغانلىقى ئۈچۈن رەت قىلىنغان

ئۈرۈمچى شەھرى تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى يېقىندا ئانا تىل خەلقئارا شىركىتىنىڭ ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.

تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ۋاڭ، چاڭ، جاڭ چۈن قاتارلىق خىتاي مەسئۇللىرى ۋە رۇستەم ئىسىملىك ئۇيغۇر مەسئۇلى 27 - ئاپرېل ئانا تىل خەلقئارا شىركىتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى دىليار ئوبۇلنى چاقىرتىپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش ئىلتىماسى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئاچقان.

يىغىندا ئىلتىماس خىتايچە يېزىلمىغانلىقى سەۋەبلىك رەت قىلىنغان.

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى بەس مۇنازىرىلەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتېتىنىڭ بۇ ئىشنى جىددىي تەكشۈرۈپ، ئاساسى قانۇن ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى قاتارلىقنى كۆزگە ئىلمىغان يۇقىرىقى ئەمەلدارلارغا چارە كۆرۈش تەلەپ قىلىنغان.

خىتاينىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر تىلى مەزكۇر رايوننىڭ ھۆكۈمەت تىلى. بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنى جىددىي رىقابەتكە دۇچ كەلگەن.