«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» قازاقىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ لاگېرلاردا «قازاق قالمىدى» دېگەن سۆزىنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.10.07

قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 7‏-ئۆكتەبىر رادىيومىزدا بايانات ئېلان قىلىپ، قازاقىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مۇختەر تىلېۋبەردىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «لاگېرلاردا قازاق قالمىدى» دېگەن سۆزىنى رەت قىلدى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھازىرقى رەھبىرى ئاتابېك زات 7‏-ئۆكتەبىر رادىيومىز خىتاي  بۆلۈمىگە بەرگەن باياناتىدا رايوندىكى قازاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇتلەق كۆپ قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ ئىزچىل لاگېر ياكى تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاز ساندىكى بىرى قىسىم كىشىلەر قويۇپ بېرىلگەن تەقدىردىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ لاگېر، تۈرمىلەردىكى تەن جازاسى، دورا-ئوكۇل ياكى ئاچ قېلىش، سۇسىز قېلىشتەك ئامىللار سەۋەبلىك ئىچكى ئورگانلىرى ئېغىر زەخىملىنىپلا قالماي،بەلكى روھىي جەھەتتىن ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ئىكەن.

ئاتابېك زات بۇ سۆزلەرنى قازاقىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مۇختەر تىلېۋبەردىنىڭ  4‏-ئۆكتەبىر كۈنى قىلغان لاگېرلار ھەققىدىكى سۆزىگە قارىتا ئېيتقان. مۇختەر تىلېۋبەردى ئۆتكەن جۈمە كۈنى «خىتاينىڭ قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا ھېچقانداق قازاق قالمىغانلىقى، ھەممىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە «بۇ خەۋەر ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە دەلىللەنگەن ئىشەنچلىك ئۇچۇر» دېگەن ئىدى.

بىراق ئاتابېك زاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم لاگېرلارنى تاقىغان بولسىمۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا ئىشلىمەكتە ئىكەن. ئۇ «بۇ ئۇچۇرنى قازاقىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خىتاي تەرەپ تەمىنلىگەن. بىزنىڭ  "ئاتا يۇرت پىدائىيلار" تەشكىلاتى بۇ ئۇچۇرنى ساختا ئۇچۇر، دەپ قارايدۇ. نۆۋەتتە، خىتاينىڭ  جازا لاگېرلىرىدا نەچچە يۈز مىڭ قازاق ۋە نەچچە مىليون باشقا مىللەتلەر تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بىز خىتاي كومپارتىيەسى دۇنيا خەلقىنى، جۈملىدىن قازاقىستاننى ئالداۋاتىدۇ، دەپ قارايمىز» دېگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بۇ يىل يازدا بېيجىڭدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، لاگېردىكىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەمما غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تاراتقۇلار لاگېردىكىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.