ئاق ساراي: ئوبامانىڭ دالاي لاماغا بولغان ھۆرمىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، دالاي لامانىڭ ۋاشىنگتوندا پرېزىدېنت ئوباما بىلەن تىلاۋەت ناشتىلىقىدا جەم بولغانلىقىغا يەنە نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي جۈمە كۈنى يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ، «بىز چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تىبەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىمىز. دالاي لامانىڭ چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، سىياسىي ئۆمرىنى ئۇزارتىش تىرىشچانلىقى ئەمەلگە ئاشمايدۇ» دېگەن.

پرېزىدېنت ئوباما پەيشەنبە كۈنى تىلاۋەت ناشتىلىقىدا دالاي لاما بىلەن يۈز تۇرانە ئۇچراشمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ سۆزىدە دالاي لامانى ماختاپ، «ئۇ بىزنىڭ ئىنسان قەدر-قىممىتى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغدىشىمىزغا ئىلھام بېرىۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.

خوڭ لېي جۈمە كۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا دالاي لامانى «ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دىنىي نىقاب ئاستىدا جۇڭگو قارشى بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي سەرگەردان» دەپ تەنقىد قىلغان.

بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال ئاق ساراي بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دالاي لاماغا بولغان ھۆرمىتى ئۆزگىرىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.