ئاقساراي: «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خىتاي بىلەن كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەت تېمىلىرىنىڭ بىرى»

ئاقساراينىڭ باياناتچىسى جىن ساكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسىنىڭ كېلەر ھەپتە ئامېرىكانىڭ ئالياسكا شتاتىدا خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتتىكى مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. جىن ساكى ئاقساراينىڭ11-مارت كۈنىدىكى قەرەللىك ئاخبارات يىغىنىدا: «مەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھەل قىلىشنىڭ كېلەر ھەپتە خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بىۋاسىتە سۆھبەتتىكى مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن» دېگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن جەك سۇللىۋان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل ئەزاسى ياڭ جيېچى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن 18-مارت ئالياسكا شتاتىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئىككى تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ 2020-يىلى 7-ئايدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشىدۇر.

جىن ساكى يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەلۋەتتە بىز ئامېرىكانىڭ باشقا شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايغا تېخىمۇ بېسىم ئىشلىتىش يولىنى ئىزدەيمىز. بىز شۇنداقلا يەنە بۇ مەسىلىنى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويىمىز، بۇ كېلەر ھەپتىدىكى سۆھبەتنىڭ بىر تېمىسى بولىدۇ».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پرايسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەتتە يەنە خوڭكوڭ، تەيۋەن، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.