ئاقسۇ ئاخبارات تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم يېقىندا ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچقان. يىغىندا ئارمىيەدىن چېكىنگەن خىتاي ئەسكەرلىرىگە «ئارمىيەدىن ئايرىلسىمۇ پارتىيەدىن ئايرىلماسلىق، قىسىمدىن چېكىنسىمۇ ھەربىي ئىستىلىنى يوقاتماسلىق، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ئۈلگىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش» تەربىيەسى بېرىش، ئۇلارنىڭ ئىدىيە-سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش، «ئارمىيەنى ھېمايە قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئارمىيەدىن چېكىنگەن خىتايلار ئۈچۈن مەخسۇس مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى بولسىمۇ، ئۇيغۇر رايونىدا بۇ ئالاھىدە سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئىچكىرى خىتايدىن شۇنچە كۆپ خىتاي نوپۇسىنى يۆتكىگەن، شۇنچە كۆپ خىتاي ئوقۇغۇچىنى قىزىقتۇرۇپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان، شۇنچە كۆپ ھەربىي ۋە مەمۇرىي شىتاتلارنى خىتايلارغا بېرىپ بىڭتۇەن ۋە باشقا مەمۇرىي ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، بۇ خىتايلارنىڭ «تەۋەلىك تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى» تېخى تولۇق شەكىللەنمىگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇلارنى يۇقىرى ئىش ھەققى، پاراۋانلىق ۋە باشقا ماددىي تەمىناتلار بىلەن تۇتۇپ قېلىشقا، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەملىكچىلىك سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.