ياپونىيەنىڭ «ئاساھى شىمبون» گېزىتى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسجىتلىرىنى تاقاپ ئۇنى ساياھەتچىلەرنىڭ قوللىنىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-10-15
Share

ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بولغان «ئاساھى شىمبون» گېزىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىغا قىلىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقى ھەققىدە بىر خەۋەر تارقىتىلدى. خەۋەر گېزىت مۇخبىرىنىڭ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىگە ئەپ بارغان زىيارەتلىرى ئاساسىدا يېزىلغان.

مۇخبىر ئۆز خەۋىرىدە قەشقەردىكى مەسچىتلەرنىڭ ئۆزگەرتىلىپ خىتاي ساياھەتچىلەر دەم ئالىدىغان چايخانا ياكى قەھۋەخانىلارغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ھەققىدە نۇقتىلىق توختالغان.

مۇخبىر بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا قەشقەرگە بارغان بولۇپ، ئۇ قەشقەردە ئۆزى زىيارەت قىلغان بىر مەسجىتنىڭ ھىلال ئاي بەلگىسى ۋە گۈمبەزلىرى ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن 2019-يىلى مايدىن ئېتىبارەن قەھۋەخانىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قەھۋەخانىنىڭ ساھىبى گۇااڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن خىتاي بولۇپ، قەھۋەخانا ئىچىمۇ پۈتۈنلەي دەم ئېلىۋاتقان خىتاي ساياھەتچىلەر بىلەن تولغان ئىكەن.

مۇخبىر يەنە ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىپ مۇشۇنداق رېستوران ياكى ئارام ئېلىش رايونلىرىغا ئايلاندۇرۇلۇشىدىن قاتتىق نارازىلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بايان قىلغان. بىر ئۇيغۇر مۇخبىرغا «بىز ھازىر سىرتتا ناماز ئوقۇشقا جۈرئەت قىلالمايمىز، ئۆيلىرىمىزدە يوشۇرۇن ھالدا ناماز ئوقۇشقا مەجبۇر بولىمىز،» دېگەن.

خەۋەردە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «ئۈرۈمچىدىكى مەسجىتلەرمۇ قەشقەرگە ئوخشاش ھالەتتە ئىكەن. ھەر ئىككىلىسىدە بىر تۈركۈم مەسچىتلەر خىتايلار ئۈچۈن قەھۋەخانا ۋە باشقا ساياھەت نۇقتىلىرىغا ئۆزگەرتىلگەن. بېيجىڭ پەقەت بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمىغان. ئۇلار يەنە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئاساسلىق ساياھەت مەنزىلىگە ئايلاندۇرۇشنى دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇلۇش قىلىپ بېكىتىپ، قەشقەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆي ۋە باشقا ئىمارەتلىرىنى چېقىپ قايتا قۇرۇپ چىققان. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى ئىككى-ئۈچ يىل ئىچىدە شەھەرنىڭ كونا قىسمىغا جايلاشقان نۇرغۇن كىچىك ۋە ئوتتۇرا مەسچىتلەر پۈتۈنلەي تاقالغان».

مۇخبىر يەنە مۇنۇلارنى دېگەن: «بىر قەھۋەخانىنىڭ خىتاي خوجايىنى بۇ مەسچىتنى يەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئىجارە ئېلىپ تىجارەت باشلىغانلىقىنى ئېيتتى. مەسچىتلەر يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىگىدارچىلىق قىلىنىدىغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئۇلار تاقالغاندىن كېيىن باشقا ئىشلارغا ئىجارىگە بېرىلگەن.»

خەۋەردە يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ «ASPI» تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى مىسال قىلىنىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى 80 پىرسەنت مەسجىتنىڭ ھەرخىل باھانىلەر بىلەن يوق قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلغان.

«ئاساھى شىمبون» گېزىتى ياپونىيەدىكى 5 چوڭ دۆلەتلىك گېزىتنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتىگەنلىك نەشرىنىڭ تارقىتىلىشى 7 مىليوندىن ئاشىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت