ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يەنە 2 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان

ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتۇش شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 10-ئاۋغۇست كۈنى مەخسۇس ئېلان چىقىرىپ، 1938 نەپەر ياردەمچى ساقچى ۋە 300 نەپەر «تېررورلۇققا قارشى چارلاش خادىمى» قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاتۇش شەھەرلىك دائىرىلەرنىڭ ساقچى قوبۇل قىلىش توغرىلىق چىقارغان ئۈچىنچى قېتىملىق ئېلانى ئىكەن.

مەزكۇر ئېلاندا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ 3 ئەۋلاد بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىچىدە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ۋە ياكى باشقا سىياسىي جىنايەت» سادىر قىلغان كىشىلەرنىڭ بولماسلىقى ئالدىنقى شەرت قىلىنغان.

ئېلاندا دېيىلىشىچە، ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قوبۇل قىلىدىغان «تېررورلۇققا قارشى چارلاش خادىملىرى» نىڭ ئايلىق ئىش ھەققى 4900 سومدىن 5400 سومغىچە بولىدىكەن. ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ئىش ھەققى 2600 سوم بولىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ھازىرقى نوپۇسى 200 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ ئاتۇشتا ئەسلىدە بار بولغان قوراللىق ساقچى، ئادەتتىكى ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچىلاردىن سىرت، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يەنە 3 قېتىم زور كۆلەمدە ساقچى قوبۇل قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، 200 مىڭ نوپۇسقا ئىگە بىر شەھەر ئۈچۈن بىر قېتىمدا 2238 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىش ئىنتايىن زور سان ھېسابلىنىدىكەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 12-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىغا سېكرېتار بولغاندىن بۇيانقى 11 ئاي داۋامىدا، يەنى 2016-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا 84 مىڭدىن كۆپرەك ئامانلىق خادىمى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئېلان چىقارغان ئىكەن. بۇ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن 10 يىلدىن بۇيان قوبۇل قىلىنغان ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ئومۇمىي سانىدىن 50 پىرسەنت كۆپ ئىكەن.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «مۇكەممەل بىر ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.