ئاۋات ناھىيىسىدە پۇت - ئېغىز ياللۇغى كېسەللىكى بايقىلىپ، 240 قا يېقىن كالا ئۆلتۈرۈلگەن
2013.05.08
خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاۋات ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم كالىلاردا پۇت - ئېغىز ۋىرۇسى كېسەللىكى (ئاقسىل كېسەللىكى) بايقىلىپ، 239 تۇياق كالا دەرھال ئۆلتۈرۈپ تاشلانغان.
2 - ماي كۈنى، ئاۋات ناھىيىلىك سەھىيە تارماقلىرى مەزكۇر ناھىيىىدىكى 16 تۇياق كالىدا بۇ خىل كېسەلىك ئالامىتىنى بايقاپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا مەلۇم قىلغان. خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەتلىك پۇت - ئېغىز كېسەللىكى تەجرىبىخانىسى سەيشەنبە كۈنى ئاۋات ناھىيىسىدە بايقالغان كېسەللىكنىڭ پۇت - ئېغىز ۋىرۇسى ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، كېسەللىكنىڭ ئاۋات ناھىيىسىگە قاراشلىق قايسى رايونلاردا بايقالغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەر كېسەللىك بايقالغان جاينىڭ دەرھال كارانتىنغا ئېلىنىپ، 239 تۇياق كالىنىڭ ئۆلتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پۇت - ئېغىز كېسەللىكى بىر خىل يۇقۇملۇق ۋىرۇس بولۇپ، ئاچا تۇياقلىق ھايۋانلاردا كۆرۈلىدىغان ئەجەللىك كېسەللىك.