چىگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۈگۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ 2019-يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى. خىتاي بۇ يىلمۇ دۇنيادىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. 
 
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىغا تايانغان ئورۋېلچە نازارەت ۋە تەقىب ئاساسىدىكى دېموكراتىيەگە قارشى تۈزۈمى جىددىي دىققەت تەلەپ قىلىدىكەن. چۈنكى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ تۈزۈمنى پۈتكۈل خەلقئاراغا تەشەببۇس قىلماقتىكەن. 
 
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى مۇخبىرلارنى كونترول ئاستىغا ئېلىپلا قالماي، خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىزمەتلىرىگىمۇ توسالغۇ پەيدا قىلماقتا. خىتاي ھازىر دۇنيادا ئۆز كونتروللۇقىدىكى ‹يېڭىچە ئاخبارات تۈزۈمى› شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا» 
 
خىتاي چىگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ 2019-يىللىق كۆرسەتكۈچىدە دۇنيادىكى 180 دۆلەت ئارىسىدا 177-ئورۇنغا تىزىلىپ، ئارقىدىن سانىغاندا 4-بولغان. 
 
خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتى ناملىق يەنە بىر تەشكىلات بۇ يىل 3-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئۇيغۇر رايونىدا 2016-ۋە 2018-يىللىرى ئارىسىدا يەرلىك ئاخبارات-نەشرىيات ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان ئاز دېگەندە 30 نەپەر تەھرىر ۋە مۇخبىرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 
 
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 6 نەپەر مۇخبىرىنىڭمۇ يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى لاگېرغا قاماش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئامېرىكادىكى ئاخبارات خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.
