خىتاينىڭ تاشقورغان ناھىيەسىگە ئايرودروم سېلىش پىلانى دىققەت قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا چېگرىداش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا جايلاشقان تاشقورغان ناھىيەسىگە ئايرودروم سېلىشنى قارار قىلغان. خىتاينىڭ پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاجىكلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان بۇ يىراق ناھىيەگە ئايرودروم سېلىش پىلانىنىڭ مەقسىتى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىماقتا.

تېخى يېقىندىلا خىتاينىڭ تاجىكىستاننىڭ تاشقورغانغا چېگرىداش «ھىلال ئاي رايونى» دىكى گورنى-بەدەخشان ئوبلاستىدا ھەربىي بازا قۇرغانلىقى، مەزكۇر بازىنىڭ ئۇيغۇر رايونى-تاجىكىستان چېگراسىغا 30 كىلومېتىر، تاجىك-ئافغان چېگراسىغا 14 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. مانا ئەمدى ئۇنىڭ مەزكۇر بازىغا بىر قانچە ئون كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا ئايرودرومى سېلىشنى قارار قىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى 12‏-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆزىنىڭ تورىدا مەزكۇر ئورگاننىڭ «شىنجاڭدىكى تاشقورغاندا ئايرودروم ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىكى دوكلات» نى تەستىقلىغانلىقى، 1 مىليارد 630 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تاشقورغانغا ئايرودروم سېلىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە تاشقورغان ئايرودرومىنىڭ قۇرۇلۇشى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئومۇمىي قاتناش-ترانسپورت سىستېمىسىغا پايدىلىق ئىكەنلىكى، بۇ شۇ جاينىڭ قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاپ، قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى، رايونلار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي‏-ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ قەدىمىنى ماسلاشتۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئالدىدا تاشقورغان ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن نامرات تاجىك، ئۇيغۇر دېھقان-چارۋىچىلارنى «قۇتقۇزۇش» نامىدا قەشقەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى جايلارغا يۆتكىگەن ئىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئايرودرومنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلۇشى 45 مېتىر كەڭلىكتىكى، 3800 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر ئۇچۇش يولى، 3000 كۋادرات مېتىرلىق بىر يولۇچىلار زالى، بىر مۇنار ۋە 800 كۋادرات مېتىرلىق بىر ئاۋىئاتسىيە بىناسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئانالىزچىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، دائىرىلەر مەزكۇر ئايرودرومنى ۋاقتى كەلسە ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىش مەقسىتىدە قۇرماقتا ئىكەن.