يېۋگېنىي پرىگوژىننىڭ ئايروپىلان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلىك خەۋىرى تارىختىكى زور پاجىئەلەرنى ئەسلەتكەن
2023.08.24
بۇندىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پايتەخت موسكۋاغا يۈرۈش قىلماقچى بولغان رۇسىيەنىڭ ۋاگنېر خۇسۇسىي ھەربىي ئەترىتىنىڭ باشلىقى يېۋگېنىي پرىگوژىننىڭ 23-ئاۋغۇست كۈنى يۈز بەرگەن بىر ئايروپىلان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.
ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى گەرچە رۇسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي تۈردە دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئائىت سىن كۆرۈنۈشلىرىدە يېۋگېنىي پرىگوژىن ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ رۇسىيەگە ئائىت باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى كۆرۈلگەن. نۆۋەتتە ئايروپىلان ۋەقەسىنىڭ كەينىدە پۇتىننىڭ سۇيىقەستى بارلىقى كەڭ مۇنازىرە قوزغىماقتا.
«مىللىي ئوبزور» (National Review) خەۋەر تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەگەر پۇتىننىڭ بۇ سۇيىقەستنى پىلانلىغانلىقى دەلىللەنسە، ئۇ ھالدا بۇ رۇسىيەدىكى پرىگوژىنغا ئوخشاش ئۆكتىچىلەرگە ئۇلارنىڭ يوقىلىشىنىڭ پەقەتلا بالكوندىن چۈشۈپ كېتىش، زىخ كىرىپ كېتىش بىلەنلا توختاپ قالمايدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بولىدىكەن.
رادىيومىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېۋگېنىي پرىگوژىننىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ سۇيىقەستىگە ئۇچراپ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى پەرەزلەر خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرىدە كەڭ تارقالغان. خىتايلار پرىگوژىننىڭ ئۆلۈمىنى خىتاي تارىخىدىكى «لىن بياۋ ۋەقەسى» بىلەن سېلىشتۇرغان بولۇپ، لىن بىياۋنىڭ ئۆلۈمىگە ئائىت ماتېرىياللار تور بەتلەردە قايتىدىن باش كۆتۈرگەن.
ياپونىيە شىزۇئوكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ خەييىڭ بۇنىڭ سەۋەبىنى خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئوخشاش دىكتاتور دۆلەت بولۇشىغا باغلاپ، «رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقى چەكلىمىسىز بولۇپ كەلگەن. ئەگەر بىرەرى پۇتىنغا قارشى چىقسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى يۇقىرىقىدەك بولىدۇ، يەنە كىمكى شى جىنپىڭغا قارشى چىقسا، ئۇنىڭ تەقدىرىمۇ ئىككىنچى لىن بياۋ بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.
پۇتىنغا قارشى ئۆكتىچى پرىگوژىننىڭ ئايروپىلان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلىك خەۋىرى، 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس تارىخىي تراگېدىيەلەرنىمۇ كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سالماقتا. 1940-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئۆمەكمۇ 1949-يىلىدىكى بېيجىڭ سەپىرىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىرلىق سىياسىي ئويۇننىڭ قۇربانى بولغان، يەنى ئاتالمىش «ئايروپىلان قازاسى» دا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.