باغداتتىكى پارتلاشتا كۆپ ساندا ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.07.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


شەنبە كۈنى كېچىدە باغداد شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 131 نەپەرگە، يارىدار بولغانلارنىڭ 160 كە يەتكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئەل - جەزىرە تېلېۋىزىيەسىدىن نەقىل ئېلىشىچە، مەزكۇر بىر قاتار پارتلاش ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك پارتلاش شەنبە كۈنىدە كېچىدە باغداد شەھەر مەركىزىدىكى قايناق ئەل - قاررادا دېگەن بازار جايىدىكى بىر رېستوران ئەتراپىدا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنىڭ پارتلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئىككىنچى قېتىملىق پارتلاش ئۇنىڭدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن باغدادنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن.

قاتتىق پارتلاش يۈز بەرگەن باغداد شەھەر مەركىزىدە كۆپلىگەن رېستورانلار، ماگىزىنلار بار بولۇپ، رامىزان مەزگىلى بولغاچقا كەچتە بۇ يەرگە ناھايىتى كۆپ ئادەم كېلىدىكەن.

پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئابادى پارتلاش يۈز بەرگەن جايغا بارغان ۋە ئۇ «بۇ دائېشنىڭ ئىراق ئارمىيىسى فاللۇجانى ئازاد قىلغانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى» دېگەن.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائېش باغداتتىكى بۇ پارتلاشنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن ھەپتە ئىراق ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى فاللۇجا شەھىرىنى ئىگىلەپ، بۇ جاينى ئۆز كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.