باغراش كۆلىدىكى 20 مىڭ مو قۇمۇشلۇققا ئوت كېتىپ قۇمۇشلار كۆيۈپ كەتتى

2014-02-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


تەڭرىتاغ تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، باغراش كۆلىدىكى 20 مىڭ مو قۇمۇشلۇققا ئوت كەتكەن.

ۋەقە گەرچە 17 - فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، تەڭرىتاغ تورى خەۋەرنى بۈگۈن ئېلان قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 17 - فېۋرال سائەت 10:00 ئەتراپىدا تېخى ئورۇلمىغان قۇمۇشلۇققا كەڭ دائىرىدە ئوت كەتكەن. كۆل رايونىدىكى قومۇشلۇق ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 600 مىڭ مو بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدە تەخمىنەن 20 مىڭ مو قومۇشلۇق كۆيۈپ كەتكەن. خەۋەردە، بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەھۋالى كەپ چىقمىغانلىقىنى، ئوت كېتىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

باغراش كۆلى ئۇيغۇر ئېلى بويىچە ۋە شۇنداقلا خىتاي بويىچىمۇ ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ، كۆلىمى 1200 نەچچە كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەمما باغراش كۆلىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى كۆزەتكۈچىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا. باغراش كۆلى ۋە ئەتراپتىكى سازلىقلار كەم ئۇچرايدىغان ئاققۇ، غاز، ئۆردەك ۋە ھەر تۈرلۈك يەرلىك بېلىقلارنىڭ ماكانى بولۇپ، خىتاي مەزكۇر كۆلنى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋەتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، بۇ كەم ئۇچرايدىغان قۇش ۋە بېلىقلارنىڭ تۈرى زور دەرىجىدە ئازايغان، ھەتتا بەزىلىرى يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە باغراش كۆلى ئەتراپىدا ھەددىدىن زىيادە كۆپ قۇرۇلۇش تۈرلىرى يولغا قويۇلغانلىقتىن، كۆل سۈيى 10 يىل ئاۋۋالقىسىغا قارىغاندا 50 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت