بەشەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يوقىتىلىشى بىلەن تەڭ، خىتاي ئۆزىنىڭ بىر شېرىكىدىن ئايرىلىپ قالغان
2024.12.12
«ئەلجەزىرە قانىلى» (Aljazeera) سۈرىيەدە ئەسەدنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى (ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىشى) بىلەن خىتاينىڭ بىر دىپلوماتىك شېرىكنىڭ يوق بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيەدىكى ھەيئىتى تەھرىرى شام (HTS) خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى بەك خالىمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لوندونغا جايلاشقان ئاقىللار ئامبىرى چاتام ئۆيى (Chatham House) نىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان پىروگراممىسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ۋىليام ماتېۋس (William Matthews) «ئەلجەزىرە» گە مۇنداق دېگەن: «ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى خىتايغا نىسبەتەن بىر دىپلوماتىك شېرىكنىڭ يوق بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن شېرىك بولۇش ئېھتىمالى بەك ئاز. سۈرىيەدىكى ھەيئىتى تەھرىرى شام (HTS) خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى بەك خالىمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىدۇ ۋە ھەمكارلىق يولىنى ئىزدەيدۇ».
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تېخى ئۆتكەن يىلى بەشەر ئەسەد بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 5-دېكابىر كۈنى بەرگەن باياناتىدا خىتاينىڭ بەشەر ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنى 9-دېكابىر كۈنى خىتاي ئۆز پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ: «سۈرىيەنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى سۈرىيە خەلقى بەلگىلەيدۇ» دېگەنىدى.