خىتاي ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى خىتاي ئىچىدە قاتتىق چەكلىمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.09.08

ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنىس (Nicholas Burns) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا چەكلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باش ئەلچى نىكولاس بۇرنىس 7-سېنتەبىر كۈنى ئۆزىنىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى يەنە بىر قېتىم بىز ئۈندىدار ۋە ۋېيبو ھېسابلىرىمىز ئارقىلىق تارقاتقان ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىغا ئائىت يوللانمىمىزنى ئۆچۈرۈۋەتتى. بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىنىۋاتقان ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك مۇئامىلە پاكىتلار بىلەن قەيت قىلىنغان.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ۋېيبو ۋە ئۈندىداردىكى ھېسابلىرى، شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىننىڭ «بۇ دوكلات خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە شىنجاڭدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى ۋە ئۇنى ئىسپاتلاپ بەردى» دېگەن ئىنكاسىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. باش ئەلچى نىكولاس تىۋىتتېردىكى ئۇچۇرىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «پىكىر ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ھۇجۇم» دەپ ئاتىغان.

ئادەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرگە دائىر ھەرقانداق دوكلات ۋە خەۋەرگە بەس-بەستە قارشى تۇرۇپ، تەتۈر تەشۋىقات ھەرىكىتىگە ئۆتىدىغان خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ بۇ نۆۋەت سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى، ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئامېرىكادا چىقىدىغان «خەۋەر ھەپتىلىكى» (Newsweek) نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئاخباراتلىرىدىكى سۈكۈتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دوكلاتنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىككى قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدىكى سەزگۈر مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

«ۋول-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، «ب د ت دوكلاتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ‹خىتايغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان رەزىل يالغانچىلىق› دەپ ئاتىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى» نى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا بۇ دوكلات ئەگەر خىتاي ئىچىدە تارقالسا، خىتاي خەلقى ئارىسىدىمۇ بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.