ب د ت سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇنلارنى سىستېمىلىق «يوق قىلىۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.02.08

ب د ت دۈشەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مىڭلىغان تۇتقۇننى «يوق قىلىۋاتقانلىقى» نى ۋە بۇنى دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر دوكلات ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان. دوكلاتتا، ئەسەد ھۆكۈمىتى ئىنسانلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

دوكلاتتا يەنە، ئەسەد ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قارشى قوراللىق ئۆكتىچىلەرنىڭ ئوخشاشلا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، نۇرغۇن تۇتقۇن تەن جازاسىغا ئۇچرىغان. بەزى تۇتقۇنلار تاياق زەربىسىدە، بەزىلەر ئاچلىق، سۇسىزلىقتىن ياكى داۋالاشقا ئېرىشەلمەي ئۆلگەن.

مەزكۇر دوكلات سۈرىيەدە 2011‏-يىلى 3‏-ئايدا ئەسئەد ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيان باشلىنىپ بۈگۈنكى قەدەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان نەچچە يۈز گۇۋاھچىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تەييارلانغان.

دوكلاتتا، تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالى «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىكى جىددىي ھەم زور كۆلەملىك كرىزىس» دەپ تەرىپلىنىپ، «ھايات قالغانلار تەمىنلىگەن دەلىللەر يۈز بەرگەن زوراۋانلىقنىڭ قانچىلىك دەھشەتلىك ئىكەنلىكىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ» دېيىلگەن.

ب ب س نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سۈرىيە ئۇرۇشىدا ھازىرغا قەدەر 250 مىڭ ئادەم ئۆلگەن، 4 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم چەتئەلگە مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كەتكەن،13 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئىنسانى ياردەمگە موھتاج ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.