ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى قاچان ئېلان قىلىنىدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.08.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل باچېلېتنىڭ پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتى يېقىنلاپ قېلىۋاتقاندا مەزكۇر كومىتېت 2021-يىلىنىڭ ئاخىرى ئېلان قىلىشنى پىلانلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ ئىزچىل بېسىپ قويۇلۇشى يېقىندىن بۇيان زور دىققەت قوزغىماقتا.

«دىپلومات» گېزىتىدە 1-ئاۋغۇست كۈنى ۋىلليام نى (William Nee) ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشى ھەققىدە شۇنچە كۆپ ئىسپاتلار، سوت ھۆكۈمى ۋە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا قارىماستىن ب د ت يەنىلا بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى كېچىكتۈرۈپ كەلمەكتىكەن. بۇنىڭ بىلەن ب د ت نىڭ قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى خىزمەت نىشانلىرى بىر ياققا قايرىلىپ قېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە ئىش يۈرگۈزۈۋاتقان ب د ت ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا ئۆزىنى ئاقلىشىدىكى ئەڭ چوڭ «دەسمىي» بولۇپ قالماقتىكەن.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىملىرىغا دۇچ كەلگەن ب د ت ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولغان دوكلاتنى ئېلان قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسىدە بەكمۇ تەڭقىسلىقتا قېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنى ئېلان قىلسا خىتاي ھۆكۈمىتى «رەنجىپ» قالىدىكەن؛ ئېلان قىلمىسا خەلقئارانىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدلىرىگە جاۋاب بەرگىلى بولمايدىكەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى «يۈزى چۈشۈپ كەتمەسلىكى» ئۈچۈن تۈرلۈك چارىلەرنى قوللىنىپ بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ زور تىرىشچانلىقى ئىيۇل ئېيىدا كۆرۈلگەن بولۇپ، مىڭغا يېقىن پۇقراۋى جەمئىيەت، جۈملىدىن «شىنجاڭ غالتەكچىلەر بىرلەشمىسى» مىشېل باچېلېتقا ئوچۇق مەكتۇپ يوللاپ «بۇنداق ساختا دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا بىز قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەن. ئەمما پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «بىۋاسىتە رەھبەرلىكى» بولمىغان ئەھۋالدا ھېچقانداق ئىش قىلالمايدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئەسلەتكەن ئاپتور «بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قوللۇق تەشكىللىگەن» دەپ كۆرسىتىدۇ.

بۇ مەسىلە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن مۇخبىرلارنىڭ ئاشۇ دوكلات ھەققىدىكى سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن. ئەمما ئۇ گەپ يورغىلىتىپ «مىشېل باچېلېت شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاق ۋە ئىناق ياشاۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندى. شۇڭا بىز ئۇنىڭ بۇنداق بىر ساختىلىققا تولغان بىرتەرەپلىمە دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا قارشى تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن. شۇنداقلا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى، پەقەت بىر قىسىم «دۈشمەن كۈچلەر» نىڭ مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارا چاپلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ تۇرۇۋالغان. نۆۋەتتە جاۋ لىجيەننىڭ مۇشۇ سۆزلىرىگە ئاساسەن بېسىپ قويۇلغان بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى بەزى رېئاللىقنىڭ پاش قىلىنغانلىقى ھەققىدە تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.