خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھالقىلىق بىر كومىتېتىغا تاللىنىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەركىزى جەنۋەدىكى «ب د ت نى كۆزىتىش» تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ بۇنىڭغا يول قويۇشىنى «بىمەنىلىك» ۋە «ئەخلاقسىزلىق» دەپ ئەيىبلىگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ھەلىل نەيەر، «زالىم ۋە غەيرىي ئىنسانىي خىتاي ھاكىمىيىتىنى سۆز ئەركىنلىكى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرىدىغان خەلقئارا تەكشۈرگۈچىلەرنى بېكىتىشكە تاللاش ئوت قويۇش كېسىلى بار ئادەمنى بازارنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش باشلىقى قىلىپ تەيىنلەشكە ئوخشايدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئوممان ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئاسىيا گۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە مەكتۇپ يوللاپ، خىتاينىڭ 5 كىشىلىك ب د ت مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىغا تاللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنى يوشۇرۇپ، ئۇنىڭ دۇنياۋى يۇقۇمغا ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش شۇنداقلا 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارغا قارىتا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ بۇ ئورۇنغا تاللىنىشى دىققەت قوزغىدى.
«ب د ت نى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى نەيەرنىڭ تەكىتلىشىچە، «ب د ت نىڭ زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان، دۇنيادىكى زوراۋانلىقلارنى دوكلات قىلىدىغان ئەمەلدارلارنى تاللىشىغا يول قويۇشى بىمەنىلىك ۋە ئەخلاقسىزلىق» ئىكەن. ئۇ، «رېن جىچاڭدەك ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىنى شۇنداقلا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى غايىب قىلىۋەتكەن خىتاينىڭ ب د ت مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشكە قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك ئەزالىرىنى سايلىشىدا رول ئوينىشىغا يول قويۇشنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.