خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆزىدىن قاتتىق بىئارام بولدى

ب د ت نىڭ يېڭى سايلانغان كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلىت دۈشەنبە كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى «قايتا-تەربىيەلەش» لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن، سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ دەرھال بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مىشېل خانىمنى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا خىتاي باياناتچى گېڭ شۇاڭ 11-سېنتەبىر كۈنىدىكى باياناتىدا يەنە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە ئالىي كومىسسارنى «بىر تەرەپلىمىلىك» بىلەن ئەيىبلىگەن.

ھالبۇكى، يېڭى كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى مىشېل باچېلىت سۆزىدە، ئۆتكەن ئايدا ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا ئائىت دوكلاتلارنىڭ ئىشەنچلىك مەلۇماتلار ئاساسىدا يەكۈنلەنگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ب د ت نىڭ رايوندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

رويتېرسنىڭ ئۆز خەۋىرىدە ئېيتىشىچە، خىتاي تەرەپنىڭ ئىنكاسى ئۇنىڭ بۇنداق بىر تەكشۈرۈشكە يول قويمايدىغانلىقى ياكى بۇنىڭغا ب د ت نىڭ ئارىلىشىشىنى خالىمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

دۈشەنبە كۈنى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ يېڭى دەلىللەر ئاساسىدا بىر مۇھىم دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، تەن جازاسى بېرىۋاتقانلىقى، خورلاۋاتقانلىقى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھەلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتنىمۇ رەت قىلغان.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە تىۋىتتېر تورىدىكى ئىنكاسلىرىدا، ئەگەر ھەقىقەتەن يۇقىرىدىكى ئورگانلار بىر تەرەپلىمىلىك قىلىۋاتقان بولسا، ئۇ ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ رايونغا بېرىشىدىن قورقماسلىققا، ئۇلارنىڭ بېرىپ ئەمەلىيەتنى كۆرۈپ كېلىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشكە چاقىردى.