خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە تەلەپ سۇنۇشىغا قارشى چىققان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.09.22

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ قېتىملىق ب د ت كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلماقتا ئىكەن.

رۇيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ب د ت كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىر تۈركۈم دۆلەتلەر خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتى سەۋەبلىك ئەيبلەۋاتقان بولۇپ، خىتاي تەرەپ ب د ت مەجلىسىدە ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە خىتايغا قارشى بىر تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت باياناتچىسى شۈي گۇيشياڭ قاتارلىقلارنى جەنۋەگە ئېلىپ كېلىپ سۆزلەتكەن. شۈي گۇيشياڭ چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، خىتايغا قارشى بىرەر تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن قورقمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭغا قارشى يېتەرلىك تەييارلىق بىلەن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ب د ت نىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپلا دېموكراتىك ئەللەر بىلەن خىتاينى قوللايدىغان ئەللەر ئوتتۇرىسىدا قايتا كۈچ سىنىشىش باشلانغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ب د ت كېڭەش يىغىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم بىر سەھنە بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.