«NBC Sports» قانىلى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە خىزمەتچىلىرىنى ئەۋەتمەيدىكەن

ئامېرىكانىڭ «NBC Sports» تېلېۋىزىيە قانىلى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە خىزمەتچىلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

19-يانۋار كۈنى، مەزكۇر قانال دائىرىلىرى خىتاي قىشلىق ئولىمپىكىنى نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىدىغان «NBC Sports» قانىلى خىزمەتچىلىرىنىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبىدىن بېيجىڭغا بارمايدىغانلىقىنى، ئەسلىدە پىلانلانغان فىگورا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، قار تېيىلىش قاتارلىق مۇسابىقىلەرنىڭ تارقىتىشلىرىدا بەلگىلىك ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكادىكى تەنتەربىيە ساھەسىدە ھەيرانلىق قوزغىغان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ قېتىملىق ئولىمپىكنىڭ ھەقىقەتەن ئادەتتىن تاشقىرى ئولىمپىك بولىدىغانلىقى مۇنازىرە قوزغىغان.

گەرچە «NBC Sports» قانىلى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبىدىن بېيجىڭغا بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۇزۇندىن بېرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى ساھىبخانلىق قىلىدىغان قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغان ئىدى.

نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرى «NBC» قانىلىنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىنى خەۋەر قىلماسلىققا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلانماسلىققا چاقىرىپ كەلگەن.

«NBC» قانىلىنىڭ بېيجىڭغا بارماسلىقنى قارار قىلىشىدا بۇنىڭ تەسىرى بار-يوقلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

ھازىرغىچە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، لىتۋا، بېلگىيە، دانىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ياپونىيە دېپلوماتىك بويقۇت سۆزىنى قوللانمىغان بولسىمۇ، بىراق ياپونىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.