خىتاي تاللىغان بەنچەن لاما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

خىتاي دائىرىلىرى تاللىغان، ئەمما سۈرگۈندىكى تىبەتلەر ساختا دەپ قوبۇل قىلمىغان بەنچەن لاما چارشەنبە كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بېكىتكەن بەنچەن لاما-گيالتسەن نوربۇ جۇڭنەنخەيدە چاقىرىلغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىپ يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن ئانا ۋەتىنىمنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن. ئۇ يەنە پارتىيىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 1995-يىلى گيالتسەن نوربۇنى 11-بەنچەن لاما قىلىپ بېكىتكەن، ئەمما نۆۋەتتىكى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما تاللىغان 6 ياشلىق بەنچەن لامانى تۇتۇپ كەتكەن ئىدى.

دالاي لاما تاللىغان بەنچەن لاما تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىگە 20 يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تا ھازىرقىغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان.

تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما 1959-يىلى خىتايدىن قېچىپ چىققاندا ئەينى چاغدىكى بەنچەن لاما-چوئېكيى گيالتسەن خىتايدا قېلىپ قالغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە تىرىشقان، ئەمما ئۇ خىتاينىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇشلىرىنى ئەيبلىگەدىن كېيىن تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.