ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى «كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى» نىڭ تۈركىيەگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.01.24


تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن «كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى» (PKK) نى «ئوپئوچۇق تېررور گۇرۇپپىسى» دەپ ئەيىبلىدى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا ئوخشاشلا تۈركىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، بۇ سۆزلەرنى 23 - يانۋار تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن ئىستانبۇلدا كۆرۈشكەندە ئۇتتۇرىغا قويدى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا تېخىمۇ يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جوۋ بايدىن مۇنداق دېدى: «بىز سىلەر بىلەن شۇنىڭغا قوشۇلۇمىزكى، ‹دائىش›، ‹ كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى ›، ‹ئالنۇسرا›، قاتارلىقلار قىلمىشلىرى تۈپەيلى ھەقىقىي تېررور گۇرۇپپىلىرىدۇر.»

«كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى» (PKK) ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلار تەرىپىدىن تېررور تەشكىلاتى دەپ ئەنگە ئېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات يېقىندىن بۇيان تۈرك قوراللىق كۈچلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى كۈچەيتكەن ئىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان جوۋ بايدىن «دائىش» تۈركىيەگە سىرتقى تەھدىت بولسا، «كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى» (PKK) نىڭ تۈركىيەگە ئوخشاشلا تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئوپئوچۇق بىر تېررور گۇرۇپپىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقىنى ھەقىقەت قەبىھدۇر.»

تۈرك باش مىنىستىرى داۋۇتئوغلۇمۇ ئەنقەرە دائىرىلىرىنىڭ «دائىش»، «ئەلنۇسرا» «كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى» (PKK) قاتارلىقلارنى پۈتۈلەي ئوخشاش، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

تۈركىيە «كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى» - (PKK) ۋە «دائىش» قا قارىشى ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش مەۋقەدە بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە چېگراسى ئىچىدىكى كۇرد قوراللىق تەشكىلاتى - «خەلق قوغدىنىش قىسمى» يەنى (YPG) بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىشىچە، تۈركىيە «خەلق قوغدىنىش قىسمى» نى «كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى» نىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.