ئاقساراي ئەمەلدارى پرېزىدېنت بايدېننىڭ شى جىنپىڭنى «يول قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش» قا ئۈندەيدىغانلىقىنى ئېيتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-11-15
Share

ئاقساراينىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ 15-نويابىر خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن ئىكراندا كۆرۈشكەندە، خىتاينى «يول قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش» قا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

15-نويابىر كەچتە پرېزىدېنت بايدېن تۇنجى قېتىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ باش جاۋابكارى، دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن ئىكراندا يۈز تۇرانە كۆرۈشىدۇ. ئاقساراي ھازىرغا قەدەر بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشنىڭ كونكىرېت مۇزاكىرە تېمىلىرىنى ئېلان قىلمىدى.

ئاقساراينىڭ باياناتچىسى جېن ساكى بۇنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، پرېزىدېنت بايدېننىڭ كۆرۈشۈشتە «ئامېرىكانىڭ مۇددىئاسى ۋە ئالدىنقى مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئېنىق ئېيتىدىغانلىقى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئېنىق ھەم سەمىمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. بىراق جېن ساكى ئامېرىكانىڭ بۇ ئەندىشىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقساراينىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى پرېزىدېنت بايدېننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنى خىتاينىڭ بىر «مەسئۇلىيەتچان» ۋە «چوڭ دۆلەت» تەك «يول قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش» قا چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئاقساراينىڭ بۇ ئەمەلدارى يەنە سۆھبەتنىڭ بىر قانچە سائەت داۋاملىشىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي رىقابەت قائىدىسىنى بېكىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بايدېننىڭ بۇ قائىدىلەرنى «ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھەم شېرىكلىرىنىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشىغا پايدىلىق بولغان ئاساستا» بەلگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، لېكىن ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ يىغىندىن چوڭ نەتىجە كۈتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت