گېرمانىيە گېزىتى «BILD»: شى جىنپىڭ دۇنيانى خەتەرگە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ

گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت بولغان «BILD» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى جۇلىيان رېيچىلد سۆز قىلىپ، خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ دۇنيانى خەتەرگە ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ كورونا ۋىرۇسىدا ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇ خىتاي «زەھەرلىك تەجرىبىخانىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن سىياسىي مەھبۇسلار لاگېرلىرىدەك بىخەتەر ئەمەسلىكى» نى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ بۇنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كورونا ۋىرۇسىنىڭ قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدىكى قۇربانلىرىغا چۈشەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، شى جىنپىڭ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ۋە تەتقىقاتچىلىرى كورونا ۋىرۇسىنىڭ بەك يۇقۇملۇق ئىكەنلىكىنى خېلى بۇرۇن بىلىشى كېرەك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دۇنيانى قاراڭغۇلۇققا ئېلىپ كەلگەن. «BILD» گېزىتى بۇنىڭ ئالدىدا تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىدىكى جاۋابكارلىقى سەۋەبلىك تۆلەم تۆلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، جاۋابكارلىقنى رەت قىلغان شۇنداقلا «BILD» گېزىتىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.

جۇلىيان رېيچىلد ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى سۆز قىلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەنقىدىگە جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي بۇرۇن نازارەت دۆلىتى، دەپ ئاتالغان بولسا، مانا ئەمدى ئۇ «دۇنيانى ئەجەللىك كېسەللىك بىلەن يۇقۇملاندۇرغان نازارەت دۆلىتى، دەپ ئاتالماقتا» ئىكەن.

«BILD» گېزىتى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان تەھرىرات ماقالىسىدە، خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىدا گېرمانىيەنى 130 مىليارد ياۋرو زىيانغا ئۇچراتقانلىقى، بۇنى خىتاينىڭ تۆلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.