بىڭتۇەن بۇ يىل 1 مىليون 440 مىڭ مو يۇقىرى مەھسۇلاتلىق تېرىلغۇ يەر بەرپا قىلىشنى پىلانلىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022-03-24
Share

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدا 1 مىليون 440 مىڭ مو يۇقىرى مەھسۇلاتلىق تېرىلغۇ يەر بەرپا قىلىشنى پىلانلىغان.

«بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. كۆزەتكۈچىلەر قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە 1 مىليون 440 مىڭ مو يوقىرى مەھسۇلاتلىق تېرىلغۇ يەر بەرپا قىلىشنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن سىياسىي تاكتىكىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان ۋە ئالىقاچان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلىپ بولغان يەرلەرنىڭ بىڭتۇەنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

دەرۋەقە، بۇ يىل 1-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېرىلغۇ يەرلەر، باغ-ۋارانلار ۋە سۇ بايلىقلىرىنى ئومۇمىييۈزلۈك ئېنىقلاش ھەرىكىتى قوزغىغان ئىدى. ئەينى چاغدا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ 106 مىليون مو ئىكەنلىكى، بۇنىڭدا 28 مىليون مو يەرنىڭ يېڭىدىن ئېچىش ئارقىلىق كۆپەيگەنلىكى ئېيتىلغان. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورى يەنە شۇ قېتىملىق ئېنىقلاشتا ئۇيغۇر ئېلىدا 15 مىليون مودىن ئارتۇق ھەر خىل مېۋىلىك باغنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلىمۇ «ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلەرنى رەتلەش تۈرى» بويىچە تاشلىنىپ قالغان يەرلەرنى تۈزەپ، قايتىدىن ھۆددىگە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن چاقىرىپ كېلىنگەن مىڭلارچە خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ بىكارلىق تېرىلغۇ يەر ۋە ئۆي-جاي بىلەن تارتۇقلانغانلىقى دىققەت قوزغىغان ئىدى.

يۇقىرىقى بىڭتۇەن خەۋىرىدە، بىڭتۇەننىڭ ھازىرغىچە جەمئىي 11 مىليون 630 مىڭ مو يۇقىرى مەھسۇلاتلىق تېرىلغۇ يەر بەرپا قىلىپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ غەيرىي-رەسمىي قوراللىق ئارمىيەسى بولغان بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئاچقان ئەڭ مۇنبەت تېرىلغۇ يەر ۋە سۇ مەنبەلىرىنى تارتىۋېلىپ، تالان-تاراج قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت