شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پارتكوم دائىمىي ھەيئەتلىرى بېكىتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.06.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق غەيرى-رەسمىي قوراللىق ئارمىيەسى بولغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئۆزىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي ھەيئەتلىرىنى بېكىتكەن.

«بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 6-ئاينىڭ 19-كۈنى خىتاي كومپارتىيىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ 8-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغان. ئومۇمىي يىغىندا لى يىفېي بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرىتارلىقىغا؛ شۆ بىن، ليۇ جيەنمىڭ، لى جيەنگو بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىغا ئەزالىققا بېكىتىلگەن لى يىفېي، شۆ بىن قاتارلىق 14 ئەمەلدار ئىچىدە مۇتەللىپ مەتتوختى ئىسىملىك پەقەت بىر نەپەر ئۇيغۇر ئەمەلدار يەر ئالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەننى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئۇنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويماقتا. يەنى بىڭتۇەننى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا قاراپ داۋاملىق كېڭەيتىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىر گۋدىلەشتۈرۈش، بىڭتۇەننىڭ قوراللىق كۈچى بولغان «خەلق ئەسكەرلىرى» نى يەنىمۇ كېڭىيتىش ۋە بىڭتۇەن ئارقىلىق يەرلىكنى كونترول قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كەلمەكتە.

بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرىتارى لى يىفېي ئومۇمىي يىغىندىكى سۆزىدە بىڭتۇەن 8-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنى «شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويغان، بىڭتۇەننىڭ يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يېڭى باسقۇچىدا ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم بىر يىغىن» دەپ تەرىپلىگەن. ئۇ يەنە بىڭتۇەننىڭ «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق ۋە دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە چېگرا رايوننى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.