خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر يېڭى يولۇچىلار ئايروپىلانى لىنىيەسى يولغا قويۇلغان. مەزكۇر لىنىيە قەشقەردىن - شىخەنزىگە، شىخەنزەدىن خىتاينىڭ جېڭجۇ شەھىرىگە ئۇچىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ جېڭجۇ ئايروپورتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر لىنىيىدە 22 - فېۋرالدىن ئېتىبارەن رەسمىي يولۇچى توشۇش باشلىنىدىكەن.
شىنخۇا ئاخباراتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «شىخەنزە ئايروپورتى شىنجاڭغا جايلاشقان يېرىم ئىقتىسادىي، يېرىم ھەربىي تۈزۈمدىكى شىنجاڭ ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى تۇنجى قۇرغان يولۇچىلار ئايروپورتى.»
خەۋەرگە قارىغاندا، شىخەنزە ئايروپورتى ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر لىنىيىدە جەنۇبىي ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ B737 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ھەپتىسىگە تۆت قېتىم ئايلانما قاتنايدىكەن.
قەشقەر جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرى، شىخەنزە شەھىرى بولسا بىڭتۇەن ئىگىدارچىلىقى شەھەر بولۇپ، ئاساسلىق نوپۇسى خىتايلارنى تەشكىل قىلىدۇ.
شىخەنزە ئايروپورتىنىڭ ئېچىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا نېمە ئۈچۈن قەشقەرگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان لىنىيە ئاچقانلىقى مەلۇم ئەمەس.