يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئىران بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە سودا جەھەتتىكى ھەمكارلىقى تېز سۈرئەتتە كۈچەيگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىران خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدە پارس قولتۇقىدىكى ئەڭ چوڭ ھەمكارلاشقۇچى دۆلىتى بولۇپ قالماقتىكەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىراندا رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئىشقا كىرىشكەن چوڭ تىپتىكى كارخانىلىرى يۈزدىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئاپتوموبىل ياساش ۋە قۇراشتۇرۇش شۇنداقلا تېلېگراف ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى شىركەت-كارخانىلار ئىكەن.
ئۇندىن باشقا، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىران بازىرىنى ئىگىلەش سۈرئىتى يېقىنقى بىرقانچە يىلدا شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن بولۇپ، ھازىر ئىراننىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىمۇ «خىتاي ياسىغان» دېگەن خەت بېسىلغان مەھسۇلاتلارنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن.
خىتاينىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پاڭ سىن مۇنداق دېگەن: «ئىران ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا شەرق بىلەن غەربنى باغلايدىغان مۇھىم بىر تۈگۈن. ئىككى مىڭ يىلنىڭ ئالدىدىلا قەدىمكى يىپەك يولى جۇڭگو بىلەن ئىران خەلقلىرىنى بىر-بىرىگە مەھكەم باغلىغان. بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› پىلانى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئاكتىپ قوللىشىغا ئېرىشتى.»
يېقىندا خىتاي بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ ھەمكارلىق نېفىتچىلىك ساھەسىگە يۈزلەنگەن بولۇپ، «جۇڭگو نېفىت شىركىتى» ئىراننىڭ بىرقانچىلىغان جايلىرىدا نېفىت قېزىشقا باشلىغان.
ھىندىستان خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى «ياۋرو-ئاسىيادىكى يېڭى مۇستەملىكە پىلانى» دەپ ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇھىم دۆلەت بولغان ئىراننىڭ خىتاينىڭ پارس قولتۇقىدىكى ئەڭ چوڭ ھەمكارلاشقۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.