ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ نىشانىنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» ياقىسىدىكى دۆلەتلەرگە قارىتىشنى تەكىتلىگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2‏-دېكابىر كۈنى تاشقى ئىشلار خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، مەزكۇر رايوننىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ نىشانىنى نۇقتىلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە ۋە «بىر بەلۋاغ بىر يول» ياقىسىدىكى ئەللەرگە قارىتىشنى تەكىتلىگەن.

يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈئەنگو رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ تاشقى ئىشلار خىزمىتى خىتاينىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىك ئىستراتېگىيەسى ۋە تاشقى ئىشلار ھەرىكىتىگە ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر يىغىن غەرب دۆلەتلىرىدە خىتاي بىرلىكسەپ ئورگانلىرى ۋە ئامانلىق دائىرىلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىش ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلىپ، غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشى كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە چاقىرىلغان.

ئۇيغۇر شاھىتلار ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يەرلىك ئامانلىق ئورگانلىرى ۋە تاشقى ئىشلار دائىرىلىرى غەرب ئەللىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە تۇتۇپ، ئۇلار ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن.

ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەھدىت ۋە پاراكەندىچىلىكلەرنى سېلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى يېقىندىن بېرى بەزى غەرب دۆلەتلىرىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. 2‏-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار خىزمەت كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يەنە قانداق كونكرېت سىياسەتلەرنى بېكىتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. بۇ يىغىندا «مەركەزنىڭ يەرلىك تاشقى ئىشلار خىزمىتى رەھبەرلىك قۇرۇلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى كۈچەيتىش قارارىنى ئىجرا قىلىش چارىسى»، «ئاپتونوم رايون پارتكوم تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايون تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىش چارىسى» قاتارلىق 4 خىل ھۆججەت ماقۇللانغان.