ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىخەتەرلىك خىراجىتى شىددەت بىلەن ئاشماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىخەتەرلىككە سەرپ قىلىۋاتقان خىراجەتنىڭ 2017-يىلىنىڭ ئىچىدە ئۆتكەن مەزگىلدىكىگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە ئاشقانلىقى دۇنيانى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 6-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىخەتەرلىككە چېتىشلىق خىراجەتنىڭ ئومۇمى مىقدارى 2017-يىلى 20 مىليارد سوم (ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن)، يەنى 213 پىرسەنت ئاشقان.

مەزكۇر خۇلاسىنى ئامېرىكىدىكى جېيمىس تاۋن فوندىنىڭ خادىملىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان خام چوت ھەققىدىكى تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئالاقىدار قۇرۇلۇشلارغا سەرپ بولغان خىراجەتلەر ئاساسىدا ھېسابلاپ چىققان.

مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاپ چىققان گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادريان زېنز بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ خىراجەتلەر ‹كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى› گە ئەمەس، بەلكى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلار قامالغان ‹تەربىيەلەش لاگېرلىرى› قۇرۇلۇشىغا ھەمدە بۇنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا سەرپ بولغان» دەپ كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ لاگېرلاردا قانداق دەرسلەرنىڭ ئۆتۈلۈشىدىن قەتئىينەزەر بۇلارنىڭ باشقۇرۇلۇشى ياكى خىراجەت سەرپ قىلىنىشىنىڭ ھېچقانداق «كەسپىي تەربىيەلەش» كە ئوخشىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

چنن نىڭ 6-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل زور ئېشىش «تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇش» ۋە «ئەدلىيە سىستېمىسى»نى قامداش قاتارلىق «ئىچكى بىخەتەرلىك چىقىملىرى»غا سەرپ بولغان. يەنە كېلىپ ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەقىقىي «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى»نىڭ خىراجىتى 2017-يىلىنىڭ ئۆزىدە يەتتە پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ئىشارە قىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇئا چۈنيىڭ «شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك خىراجىتى ھەققىدە مەلۇماتلىق ئەمەسمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.