بلىنكېن بىلەن ۋاڭ يى تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان
2021.08.30
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن خىتاي تاشقى مىنىستىرى ۋاڭ يى 29-ئاۋغۇست تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى شۇنداقلا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.
بۇ، بلىنكېن بىلەن ۋاڭ يىنىڭ يېقىنقى 2 ھەپتە ئىچىدە 2-قېتىم سۆزلىشىشى بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا» ئۇچرىشى، خوڭكوڭ ۋەزىيىتى، كورونا ۋىرۇسى، تەيۋەن، جەنۇبىي دېڭىز، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن قاتتىق يىرىكلىشىپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا سۆزلەشكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا كۆپ توختالمىغان بولۇپ، باياناتچى نېد پرايس بلىنكېننىڭ ۋاڭ يى بىلەن «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تالىبانلارنى ئافغانلار ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ بىخەتەر يۆتكىلىشى ھەم ساياھەت ئەركىنلىكى توغرىسىدا بەرگەن ئاشكارا ۋەدىسى مەسىلىسىدە جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلەشكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.
لېكىن، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ يى بارلىق تەرەپلەرنىڭ تالىبان بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە ئۇلارنى «ئىجابىي تەرەپكە يېتەكلىشى» كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە «ئامېرىكانىڭ تېررورلۇققا قارشى قوش ئۆلچەم قوللىنىش ياكى تاللاپ قارشى تۇرۇش ئورنىغا كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىپ، ئافغانىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىشى ۋە زوراۋانلىقنى توختىتىشىغا ياردەم قىلىش كېرەكلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
ۋاڭ يى يەنە «خىتاي ئامېرىكا تەرەپ بىلەن قانداق ئالاقە قىلىشنى ئۇنىڭ خىتايغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە ئاساسەن ئويلىشىدۇ»، دېگەن. ۋاڭ يى ئۆتكەن قېتىم ئامېرىكانىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى قايتا تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلغانىدى.
لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئافغانىستان ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشنى دەستەك قىلىپ، ئۆزىنىڭ 20 يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن «شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق تەھدىتى» نەزەرىيەسىنى قايتا بازارغا سالماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق دىققەتنى بۇراپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلمىشىنى يېپىشقا ئۇرۇنماقتىكەن.