شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن بوكس مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر ماھىرى زۇلپىقار نەتىجە ياراتتى
2016.01.31
30 - يانۋار كۈنى شاڭخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر بوكس مۇسابىقىسىدە يېڭىدىن يېتىشىپ چىققان بوكس ماھىرى زۇلپىقار مۇھەممەدېلى بىر قانچە مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن.
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈندىدار قاتارلىق ئاممىۋى تاراتقۇلاردىكى تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، 2016 - يىلى 30 - يانۋار كەچتە شاڭخەي شەھىرىدىكى«دوڭفاڭ» تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر خەلقئارالىق بوكس ئالاھىدە ھەپتىلىكىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ماھىرى زۇلپىقار ئۇدا تۆت قېتىم غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يەنە ئاۋسترالىيەلىك رىقابەتچىسىنى يېڭىپ نەتىجە قازانغان.
مۇسابىقىنىڭ نەق مەيدان سىن ئالغۇ كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا مەزكۇر ئىككى ماھىرنىڭ ئېلىشىشى ناھايىتى كەسكىن بولغان بولۇپ، زۇلپىقار رىقابەتچىسىنى مۇسابىقىنىڭ ئۈچىنچى ئايلانمىسىدا تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئۇرۇپ يىقىتىپ، غەلىبە قىلغان. مۇسابىقە نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا ئۇيغۇر ماھىرى بىلەن ئاۋسترالىيىلىك ماھىرى قۇچاقلىشىپ، سەمىمىي دوستلۇق كەيپىياتىنى نامايەن قىلىپ بىرگە سۈرەتكە چۈشكەن.
دىققەتنى تارتقان يېرى زۇلپىقار مۇھەممەدېلى ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى ئۇچىسىغا ئەتلەستىن تىكىلگەن مەخسۇس تەنتەربىيە كىيىملىرى، بېشىغا دوپپا كىيىپ، مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆزلىرىنى نامايەن قىلغان.
زۇلپىقار مۇھەممەدېلى 2015 - يىلى 4 - ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسىدە تايلاندلىق رىقابەتچىسىنى يەڭگەن ۋە ئىككىنچىلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن.
«نۇر تورى» دا ئېلان قىلىنغان مەخسۇس تەپسىلاتتا بايان قىلىنىشىچە، زۇلپىقار مۇھەممەدېلى 1994 - يىلىى مەكىت ناھىيىسىدە بوكس مەشقاۋۇلى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئىكەن.