2024-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكادىكى «تۆپىلىك (THE Hill)» گېزىتىگە چىققان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا بىئولوگىيەلىك داۋالاش شىركىتى ھېسابلىنىدىغان «تېرمو فىشېر شىركىتى (Thermo Fisher Scientific)» تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىگە ئىنسانلارنى گېن ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى سېتىپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، كىشىلەرنىڭ يۈزىنى تونۇش ۋە ئاۋازىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى، چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قاتارلىق تېخنىكىلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ كۆلەملىك كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تېخنىكىلارنى شەھەرلەردىن ئەڭ يىراق چېگرا ۋە يېزا-قىشلاقلارغىچە بولغان جايلارنى كونترول قىلىشتا قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «تېرمو فىشېر» نىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىغا ئىنسانلارنى گېن ئۇچۇرلىرى(DNA) ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى سېتىپ بەرمەسلىك قارارىنى قارشى ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتايدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ياردەم بېرىش تولىمۇ مۇھىم. تېرمو فىشېرنىڭ قارارى ناھايىتى مۇھىم ۋە قارشى ئېلىنىدۇ. ئەمما خىتايدىكى سۇيىئىستېمالنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا تېرمو فىشېرنىڭ بۇ قارارى يېتەرلىك ئەمەس. خىتاينىڭ ئىچىدىكى كەڭ كۆلەمدە كۆزىتىش ۋە ئىنسانلارنى گېن ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى مەسىلىسى بۇ ئىككى رايوندىن ھالقىپ كەتكەن».
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقى قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە 2019-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنسانلارنى گېن ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ سېتىپ بېرىلىشىنى توختىتىشنى قارار قىلغانىدى.