ئۇيغۇرلار 2019-يىلىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا چاغان بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغان

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنە بىر يۈزى يېقىندا ئۇيغۇرلارنى خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىشىدا ئۆز ئەكسىنى تاپتى. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ» تورى ۋە «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 2-ۋە 3-فېۋرال كۈنلىرىدىكى خەۋەرلىرىدە بۇ ھال تولۇق يەر ئالدى.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىللىق چاغان بايرىمى ھارپىسىدا قەشقەر، خوتەن، ئاتۇش، ئاقسۇ قاتارلىق ئۇيغۇرلار مەركەزلىك تارقالغان جايلاردىكى ئۇيغۇر ئاممىسى خىتايچە يوسۇندا كىيىنىپ ياڭگېر ئۇسسۇلى ئويناش، ئەجدىھا ۋە شىر ئوينىتىش، خىتايلار بىلەن بىرلىكتە جۇۋاۋا تۈگۈپ يېيىش ئارقىلىق چاغاننى كۈتۈۋېلىشقا تەشكىللەنگەن. خىتاي ئاخباراتلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي مۇخبىرلار قەشقەر ۋە خوتەننىڭ خىلۋەت يېزىلىرىغىچە بارغان بولۇپ، ئۇلار «ھەممىلا جايدا خىتاينىڭ قىزىل بايرىقى، قىزىل پانۇسلار، چوشقا باشلىق نەقىشلەرنىڭ قاتىرىغا ئېسىلغانلىقىنى، ھەممىلا ئۆيلەرگە خىتايچە مەسنەۋى ئېسىلغانلىقىنى كۆرگەن.»

خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خىتايلار ئۆزلىرىمۇ كىيىشتىن نومۇس قىلىدىغان قەدىمكى زاماننىڭ كىيىملىرىنى كىيگەن ھالدا «بۇ يىلقى چاغان قالتىس خاسىيەتلىك ۋاقىتتا كەلدى!» دېگەنلىكى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلىسە ئۇلار ‹ئەسەبىيلىك› بىلەن ئەيىبلىنىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايچە بايراملارنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىشى ئۇلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە پائالىيىتىنى ئاشكارا ئىجرا قىلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس،» دېدى.