چاغاندا خىتاينىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلىرىدە مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر بولدى

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە خىتاينىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلىرىدە مۇھىت بۇلغىنىش يەنىلا ئېغىر بولغان.

خىتاي مۇھىت تەتقىقات مەركىزى تورىنىڭ 31-يانۋار سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، چاغان مەزگىلىدە مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ يەنىلا ئېغىر بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، چاغان مەزگىلىدە خېبىي قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى بىر تۈركۈم مۇھىتنى بۇلغايدىغان چوڭ زاۋۇتلار ئىشتىن توختىمىغانلىقى، ئاھالىلەرنىڭ ئىسسىنىش قۇرۇلمىلىرىدىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلگەن مۇھىت بۇلغايدىغان ئىس-تۈتەكلەر، چاغانلىق تۇغقان يوقلاشقا ماڭغانلار چۈشكەن ئاپتوموبىللاردىن چىققان ھاۋانى بۇلغايدىغان كېرەكسىز گازلارنىڭ ئادەتتىكىدىن كۆپ بولۇشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار سەۋەب بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارانىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بولۇپمۇ قىش پەسلىدە شىمالىي خىتاي رايونىدىكى بېيجىڭ، تيەنجىن شەھىرى، خېبىي ئۆلكىسىدىكى شىجاجۇاڭ، باۋدىڭ قاتارلىق شەھەرلەر، ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرى ۋە غەربىي شىمالدىكى ئۈرۈمچى، شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەردىكى قويۇق تۇمان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى خەۋەر تېمىلىرى بولماقتا.