جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاقىلىق ناھىيەلىك دائىرىلەر ئەسلىدىكى چاقىلىق ناھىيەسىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كىرورەن شەھىرىنى قۇرۇش ئىشىنى رەسمىي باشلىغان.
چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىندا مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرگەن: «بىز ناھىيەنى بىكار قىلىپ، شەھەر قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدۇق، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كىرورەن شەھىرىنى قۇرۇشقا تىرىشىمىز. كەلگۈسىدە، چاقىلىق ناھىيەسى كىروراندىن ئىبارەت بۇ ئىسىمدىن پايدىلىنىپ، بىر ئالاھىدە بەلباغ، يەنى يىپەك يولىدىكى ساياھەت مەدەنىيەت كەسپىنى بەرپا قىلىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەمۇرىي رايونلارنى قايتا ئۆزگەرتىش شۇنداقلا ۋىلايەتلەرنى بىكار قىلىپ، شەھەر بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغان.
بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قەدىمىي تارىخقا ۋە مىللىي پۇراققا ئىگە ئۇيغۇرچە يەر - جاي ناملىرى، بولۇپمۇ بىر قىسىم شەھەر - بازارلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ خىتايچە ناملارنىڭ قويۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەر، چاقىلىق قاتارلىق تەكلىماكاننىڭ شەرقىي بۇرجىكىدىكى نوپۇس شالاڭ بولغان بىر قىسىم ناھىيەلەرنىڭ شەھەر قىلىپ قۇرۇلۇشى ھەمدە نامىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى، بۇ جايدا يېقىن كەلگۈسىدە زور تۈركۈمدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەرلەشتۈرۈلۈشىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.