چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئارمىيەسى ۋە قوراللىق قىسىملار بىلەن كۆرۈشكەندە «ئۇرۇشقا تەييارلىنىش ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» نى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-02-11
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئارمىيەسى ۋە قوراللىق قىسىملار بىلەن كۆرۈشكەندە «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» نى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 8-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگو قاتارلىقلار خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن. چېن چۈەنگو شۇ كۈندىكى سۆزىدە خىتاي ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى قوغداش يولىدىكى خىزمەتلىرىنى يۇقىرى باھالاش بىلەن بىرگە بۇندىن كېيىن يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلغان.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلگەن: «چېن چۈەنگو شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ يەنە دىققەتنى ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇمىييۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. . .»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، نەچچە مىليونلىغان كىشىنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقى، يۇقىرى پەن-تېخنىكانىڭ ياردىمى بىلەن رايوندا مۇتلەق نازارەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىررقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر شارائىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە قانداقتۇر «ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ۋە تېرورلۇقققا قارشى تۇرۇش» نى تەلەپ قىلىشى، كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى.

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتايغا قاراتقان بېسىملىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت