چېن چۈەنگو ئاتۇشتىكى زىيارىتىدە سوتسىيالىستىك ئاتۇش قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى

خەلق تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو 6- 7- دېكابىر كۈنلىرى ئاتۇشنى زىيارەت قىلىپ، ئاتۇشتىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، دىنىي زاتلار، قوش تىل يەسلىلىرى ۋە ج خ كادىر - ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

چېن چۈەنگو ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: « ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت، دەپ قارىشىمىز كېرەك.. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى كەڭ ۋە پائال قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك... ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەپ، قوغداپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.»

چېن چۈەنگو سېكرېتار بولغاندىن بېرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلاردا «قوش تىل يەسلى» قۇرۇلۇشىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشكە باشلىغان، ئۇ بۇ نۆۋەت ئاتۇشتىمۇ ئاغۇ يېزىسىدىكى بىر يەسلىنى زىيارەت قىلىپ، قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش، بالىلارنى كىچىكىدىن سوتسىيالىستىك ئاڭ ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭى بىلەن تەربىيىلەشنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك يارىتىشتىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، چېن چۈەنگونىڭ يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلار ئەڭ قاتتىق نارازى بولۇۋاتقان سىياسەتلەر ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.