چەت ئەل سودا-سانائەت ۋەكىللىرى ئۆمىكى ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە كەلگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.07.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«شىنجاڭ گېزىتى» خىتايچە تورىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، 5-ئىيۇل كۈنى چەت ئەل سودا-سانائەت ۋەكىلللىرى ئۆمىكى ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە كەلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۈي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار ئۇلارنى كۈتۈۋالغان.

ما شىڭرۈي بۇ ئۆمەك ئەزالىرىغا «شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى» نى تونۇشتۇرغاندىن باشقا، بۇ يەردىكى خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلغانلىقى ۋە ئۇنى قوغدىغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالغان.

ئۆمەك باشلىقى، تۈركىيە-خىتاي سودا ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئادنان ئاقفىرات، ئاسىيا يىپەك يولى گۇرۇھىنىڭ لىدېرى پېر مىلوشېنكوف ۋە مالايسىيا، تانزانىيە، مېكسىكا، سۇرىيە، لىۋان، كېنىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىپ خىتاي بىلەن دوستلۇق ئورناتقان شىركەت مەسئۇللىرى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغىنىدىن تەسىرلىنىپ، «شىنجاڭنىڭ مۇقىم، ئىقتىسادىنىڭ گۈللەنگەن، خەلقىنىڭ باياشات» ئىكەنلىكىنى ماختاشقان، ئاندىن «ئامېرىكا ۋە غەرب سىياسىيونلىرى توقۇغان يالغانلارنىڭ بىمەنىلىك» ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى مۇۋەپپەقىيەتنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ياكى خىتايغا كۈلرەڭ كۆزەينەك بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن راستنى يوشۇرۇپ، يالغاننى كۆپتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، پۇل خەجلەپ ئوبراز تىكلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى «دۇنيادا كەمسىتىشكە ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلار يىغىنى» دا خىتاينىڭ ئىككى نەرسىدىن، يەنى ئىناۋىتىنى يوقىتىپ قويۇش ۋە ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەڭ قورقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. خىتاينىڭ ئۆزىگە يېقىن دۆلەتلەردىكى شىركەت خوجايىنلىرىنى تەكلىپ قىلىشىمۇ بىر جەھەتتىن ئىناۋەتكە، بىر جەھەتتىن مەنپەئەتكە ئېرىشىش غەرىزىنى كۆرسەتكەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.