خىتاي كومپارتىيەسنىڭ 2 مىليوندەك ئەزاسى چەتئەل مۇئەسسەسىلىرىگە يەرلەشتۈرۈلگەن

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 2 مىليوندەك ئەزاسىنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىك ئورگانلىرىغا، ئۇنىۋېرسىتېت، تەتقىقات ئورنى، HSBC, Boéng, Rols Roys, Fizér Astira Zénika,، Jaguar، ۋولكېسۋاگېندەك چوڭ بانكا، خەلقئارا شىركەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «ئاۋسترالىيە» گېزىتى، ئاۋسترالىيە «ئاسمان خەۋەرلىرى» ((Sky newsتېلېۋىزىيەسى، ئەنگلىيە «يەكشەنبىلىك پوچتىسى» قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ 13-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شاڭخەيدىكى كونسۇلخانىلىرىغا سىڭىپ كىرگەن، شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چوڭ خەلقئارا شىركەتلەردە ئۆزىنىڭ پارتىيە ياچېيكىلىرىنى قۇرغان.

تىزىملىكتىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى شاڭخەيلىك بولۇپ، بىر مىليون 950 مىڭ پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئەھۋالى يېقىندا ئاشكارىلانغان بىر سانلىق ئۇچۇر ئامبىرىدىن مەلۇم بولغان. ئۇنىڭدا بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمى، خىزمەت ئورنى، تۇغۇلغان ۋاقتى، مىللىتى، ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن. ئاۋسترالىيە «ئاسمان خەۋەرلىرى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، «بۇنداق تىزىملىكنىڭ دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىنىشى» بولۇپ، «بۇ شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى كومپارتىيەسىنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن».

خەۋەردە، تىزىملىكتىكى خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ 79 مىڭ پارتىيە ياچېيكىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى، يۇقىرىقى شىركەت ياكى ئورگانلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، بۇ تىزىملىك غەرب سىياسىيونلىرىدا ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە جىددىي ئەندىشە قوزغىغان بولۇپ، 30 دەك ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى بۇ مەسىلە توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى تەييارلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سانلىق ئۇچۇرنى بۇ يىل 9-ئايدا بىر خىتاي ئۆكتىچىسى «خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقى» غا بەرگەنىكەن.