ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرماقچى ئىكەن

ئەھۋالدىن خەۋەردار شەخسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك رەقىبى بولغان خىتاينىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەش ئۈچۈن «خىتاي ئىشلىرى مەركىزى» قۇرماقچى ئىكەن.

«بلومبېرگ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ تەكلىپنى ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىللىيام بۇرنىس ئوتتۇرىغا قويغان. ئەگەر «خىتاي ئىشلىرى مەركىزى» قۇرۇلۇپ قالسا، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇھىم مەنبەلىرىدىن ئەڭ باشتا بەھرىمەن بولىدىغان مۇستەقىل ئورگان بولىدىكەن. شۇنداق بولغاندىلا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئادەم كۈچى، بايلىق ۋە سىياسەتچىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىيالايدىكەن.

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خۇددى ۋىللىيام بۇرنىس ئېيتقاندەك، خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۇنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى. ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ھازىر بۇ ۋەزىپىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئورۇنلاشنىڭ ئەمەلىي پىلانلىرىنى تۈزۈۋاتىدۇ».

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىكى بىر خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئورگاندىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇستەقىل بىر خىتاي ئىشلىرى مەركىزى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، بۈگۈنگىچە بىرەرسى ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن ئىكەن.

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ھازىرقى باشلىقى ۋىليام بۇرنىس تەجرىبىلىك دىپلومات بولۇپ، «خىتاينىڭ مەقسىتى ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ تەسىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىش» دېگەن؛ خىتاينىڭ دۈشمەنلىك ۋە زوراۋانلىق بىلەن دۇنياغا ھاكىم بولۇشقا ئۇرۇنۇشلىرىنى ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارىغان. ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئىستىخبارات كومىتېتىغا قىلغان سۆزىدە: «ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىتاي ئىشلىرى مەركىزى قۇرۇش، خىتاي مۇتەخەسىسلىرى قوشۇنىنى داۋاملىق كۈچەيتىش سالمىقى ئېغىر ۋە تەخىرسىز ئىشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن تىل بىلىدىغانلارنى كۆپەيتىش، خادىملارنى تەڭشەش، مەنبە تەقسىملەش ئىشلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشقا توغرا كېلىدۇ» دېگەن.

2017-يىل ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «شىمالىي كورىيە ئىشلىرى مەركىزى» قۇرغان بولۇپ، ئەينى چاغدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن باياناتتىمۇ ئوخشاشلا «مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ شىمالىي كورىيەگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرىگە تولۇق يېتەكچىلىك قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلغانىكەن.