CNN: «بىر غەرب ئىستىخبارات ئەمەلدارى كورلا پويىز ئىستانسىسىدا تارتىلغان سىن كۆرۈنىشىنىڭ راستلىقىنى دەلىللىىگەن»

يېقىندا چەتەلدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان كورلا پويىز ئىستانسىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ سىن كۆرۈنۈشى خەلقئارادا داۋاملىق غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

ئامېرىكادىكى سىملىق خەۋەرلەر تورى CNN -مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشى ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، بىر غەرب ئىستىخبارات ئەمەلدارىنىڭ مەزكۇر سىن كۆرۈنىشىنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە بۇ كۆرۈنۈشنىڭ ئادەمنى شۈركەندۈرگۈدەك بىر مەنزىرە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

يېقىندا چەتەلدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەخمىنەن 600-700 نەپەردەك كۆزى قارا لاتىدا باغلىنىپ، پۇت-قولى كىشەنلەنگەن ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ كورلا پويىز ئىستانسىسىنىڭ غەربىي ۋوگزالىدا باشقا جايغا ئېلىپ مېڭىلغان بىر سىن كۆرۈنۈشى تارقالغان. قورالىق ساقچىلارنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدىكى مەھبۇسلارنىڭ دۈمبىسىگە «قەشقەر قاماقخانىسى» دىگەن خەت يېزىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشى ئۇيغۇر رايوندىكى ھازىرقى باستۇرۇشنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ۋە شىددىتىنى، تۇتقۇنلار ئۇچراۋتاقان مۇئامىلىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. CNNنىڭ خەۋەرىدە قەيت قىلىنىشىچە، CNN خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنىڭ مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىگە بولغان ئىنكاسىنى قايتا-قايتا سورىغان بولسىمۇ، لېكىن جاۋاپ ئالالمىغان. ئۇلارنىڭ CNN گە يوللىغان باياناتىدا پەقەت «شىنجاڭدىكى جىنايى قىلمىشلارنى باستۇرۇش ھەركىتىنىڭ مىللەت ۋە دىن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ مەھبۇسلارنى يۆتكىشى نورمال ئەدلىيە پاالىيىتىدۇر» دە كۆرسىتىلگەن. لېكىن CNN نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، ئۇلارغا مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ راستلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىقى غەرب ئىستىخبارات ئەمەلدارى «خىتاي بۇ قىلمىشى ئۈچۈن سوراققا تارتىلىشى كېرەك. نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئۇنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قوللىماقتا،» دېگەن. مەزكۇر ۋىدېيونىڭ راستلىقى ئۆتكەن ئايدا ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ناتان ۋۇسېر تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى.