ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى ئىراقتا ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىر مۇھىم ئەزاسىنى قولغا چۈشۈرگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.03.06


ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى شىمالىي ئىراقتا ئىسلام دۆلىتى - «دائىش» قا تەۋە بىر مۇھىم گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن.

ABC نىڭ خەۋەر 2 - مارت قىلىشىچە، مەزكۇر تۇتۇش ھەرىكىتىنى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇققا قارىشى ئالاھىدە مەخپىي ھەرىكەت گۇرۇپپىسى - دېلتا ئالاھىدە قىسمى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ گۇماندار مەزكۇر مەخپىي گۇرۇپپىنىڭ تۇنجى تۇتقۇنى ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە مەزكۇر تۇتقۇن ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنماقتا ئىكەن.

بۇ ئىشتىن خەۋەردار خادىملارنىڭ ABC تېلېۋىزىيىسىگە ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر گۇماندا «دائىش» قا تەۋە مۇھىم خادىم بولسىمۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك خادىم ئەمەس ئىكەن.

«نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 1 - مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا 200 كىشىلىك ئالاھىدە مەخپىي گۇرۇپپىسى ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر بۇلارنىڭ ئىراقتا«ئىسلام دۆلىتى گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ياكى ئولتۇرۇش» ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.

ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى ئۆتكەن يىلى سۈرىيەدىكى بىر ھۇجۇمدا ئىسلام دۆلىتىگە تەۋە «ئابۇ سەييىف» تېررور تەشكىلاتى باشلىقىنىڭ خوتۇنىنى سۈرىيەدىن تۇتۇپ چىققان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.