خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى موڭغۇلىيەدىن تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ موڭغۇلىيەنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان. بۇ يىل 81 ياشلىق بۇ تىبەت لاماسى جۈمە كۈنى كەچتە موڭغۇلىيەگە قاراپ يولغا چىقىشنى پىلانلىغان.
ئۇنىڭ موڭغۇلىيە سەپىرى نوقۇل دىنىي زىيارەت بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى دالاي لامانىڭ ھەرقانداق چەتئەل زىيارىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ، «بىز موڭغۇلىيەدىن ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئومۇمىي ماس قەدەملىك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىشنى، تىبەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشنى، دالاي لامانىڭ زىيارىتىگە يول قويماسلىقنى، دالاي گۇرۇھىنى قوللايدىغان ۋە ئۇنىڭغا مەرھەمەت كۆرسىتىدىغان ھەرقانداق سەھنە بىلەن تەمىنلىمەسلىكنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.
موڭغۇللارنىڭ لاما دىنىي تىبەت لاما دىنىي بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. موڭغۇل لامائىزمىدا دالاي لاما روھانىي شەخس دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتۇردىكى گاندان لاما بۇتخانىسىنىڭ راھىبى داۋائاپۇرېف دالاي لامانىڭ 4 كۈنلۈك زىيارىتى نوقۇل دىنىي زىيارەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا پەخرى ئۇنۋان بېرىلىدىغانلىقىنى، ئۇ دىنىي مۇراسىمغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، ياشلار ۋە ئاكادېمىكلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ، دالاي لامانى «دىننى نىقاب قىلىپ، تىبەتنى خىتايدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سىياسىي سەرگەردان» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانى تەنقىد قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن 2000-يىلدىن 2010-يىلغىچە ئاز دېگەندە 9 قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.