ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى پەنس ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس 10‏-ماي كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

مۇزاكىرىگە ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى، باش ئەلچى جون بالتونمۇ قاتناشقان. مۇئاۋىن پرېزىدېنت پەنس 10‏-ماي كۈنى تۋېتىردا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ روھىنگا ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر ۋاقىت دىنىي ئەركىنلىك ئۈچۈن تىك تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، يىغىندا مەزكۇر كومىتېتنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان 2019‏-يىللىق دوكلاتى ۋە ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ-پىكىرلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن دەل شۇ كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. باياناتتا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلاردىن 3 مىليوندەك كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى» تەكىتلىنىپ، «خىتايدىكى مىليونلىغان خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ئەركىنلىكى ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا بىز دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئۇنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كىرىشىمىز كېرەك» دېيىلگەن. مەزكۇر كومىتېت بۇنىڭ سەل ئالدىدا ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتاينى «دىنىي ئەركىنلىكى ئالاھىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈشنى، چېن چۈئەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا قويۇشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى. لېكىن، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يىغىن ھەققىدىكى خەۋىرىدە مايك پەنسنىڭ يۇقىرىقى تەكلىپكە قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت