خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدە مۇقىملىقنى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە، مىڭ جيەنجۇنىڭ ئۈرۈمچى 1 - تۈرمىسىنى زىيارەت قىلغانلىقى توغرىلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ يەردىكى سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتا «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىش تەربىيىسىنى كۈچەيتىش» نى تەكىتلىگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى 1 - تۈرمىسىدە قامالغانلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى «سىياسىي مەھبۇسلار» بولۇپ، خەۋەردە «ئۇلارنىڭ زور قىسمىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان» لىقى كۆرسىتىلگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 11 - ۋە 12 - دېكابىر كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان مېڭ جيەنجۇ، ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدا سۆز قىلىپ: «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، توغرا دىنىي قاراشنى تەشەببۇس قىلىپ، رادىكال دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك» دېگەن.